«ئائىلە تەربىيەسى»ناملىق بۇ ئەسەردە ئاپتۇر ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىن ۋە ئەخلاقتىن يىراق بەزى بىر ناچار قىلمىشلارغا دىئاگۆنز قويۇش بىلەن بىرگە، ئۇ ئىللەتلەرنى ئىسلاھ قىلىشتا يەنىلا ئاتا-ئانىلارنىڭ تۇرۇتكۈلۇك رول ئوينايدىغانلىقى،خۇسۇسەن ئەركىشىنىڭ ،ئايالى ۋە قىزلىرىنى تەربىيەلەشتىكى مەسئۇلىيىتىنىڭ ئىغىرلىقى، دىنى تەشۋىقات ۋە ئۇنىڭ ئىسلاھات ئىلىپ بىرىش يولىدىكى رولى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.
Author: ئابدۇرەشىد قاراجىم ئبنى سابىت - ھاجى ئابدۇرەشىد قارى ئبنى سابىت
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - https://www.munber.org
بۇ كىتاپ ئىمام ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ «مەدارىجۇسسالىكىين»ناملىق ئەسىرىدىن "مۇناپىقلىق" دېگەن بۆلۈمنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئاپتور ئەسىرىدە مۇناپىقلىقنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان خەتىرى، مۇناپىقلىقنىڭ تۈرلىرى، مۇناپىقنىڭ سۈپەتلىرى، شۇنداقلا ئەقىدىسىگە، مىللىتىگە، ۋەتىنىگە خائىنلىق قىلغان مۇناپىقلار دۇنيادا خار بولسا، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ دەھشەتلىك ئازابىغا ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان ۋە سۈننەت روھى بىلەن تەپسىلى چۇشەنچە بېرىدۇ.
Author: ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
Translators: مەرھۇم ئابدۇللاھ روزى داموللا ھاجىم
Publisher: ئىسلام نۇرى تور بېكىتى https://www.islamnuri.info
ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق بۇ ئەسەر 6500 بەتتىن ئارتۇق ھەجىمگە ئىگە بولۇپ جەمئىي 10 توم، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدىكى، توغرىسى پۇتۇن ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى ھەجمى ئەڭ چوڭ دىنى ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاپتۇر بۇ توپلامنى سەھىھۇلبۇخارى، سەھىھ مۇسلىم، سۇنەنى تىرمىزى، سۇنەنى ئەبۇ داۋۇد، سۇنەنى نەسائى، سۇنەنى ئىبنى ماجە، مۇۋەتتەئۇ مالىك، سۇنەنى دارىمى، مۇسنەدى ئەھمەد، تەبەرانى ئەلكەبىر، تەبەرانى ئەلئەۋسەت، تەبەرانى ئەسسەغىر، مۇسنەدى ئەبۇ يەئلا مەۋسىلى، مۇسنەدى بەززار، زەۋائىدۇ رەزىن ناملىق 15 ھەدىس كىتابتىن تەييارلىغان بولۇپ، جەمئى 10 مىڭ 131 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
Author: مۇھەممەد ئىبنى سۇلايمان مەغرىبىي
Reveiwers: ن.تەمكىنى - سابىرجان
Translators: مۆمىن جان - ئالىمجان ئاتائۇللاھ - ئابدۇلخالىق ئابدۇلباقى - ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم
«ھەدىس قۇددۇس ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر توپلىمى» ناملىق بۇ ئەسەر 392 ھەدىس شېرىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، پايدىلانغۇچىلارغا قولاي بولسۇن ئۈچۈن ئىمام سۇيۇتى رەھىمەھۇللاھ بارلىق ھەدىس قۇددۇس ۋە مۇتەۋاتىر ھەدىسلەرنى رەتلەپ چىققان. تەرجىماننىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن كىتابنىڭ باش قىسمىغا ھەدىس ئاتالغۇلىرىنىڭ ئۆلچەملىك پەرقى ۋە ھەدىس ئىلمىغا دائىر بىر قىسىم ئۈچۈرلار قوشۇلغان بۇ قىممەتلىك ئەسەر www.xjislam.com ناملىق تور بېكىتى گورۇپپىسى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ ئەسەرنىڭ ئىلمى قىممىتىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا بېكىتىمىزدە ئىلان قىلدۇق.
Author: ئىمام جالالىددىن سۇيۇتىي رەھىمەھۇللاھ
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
بۇ ئەسەر پەيغەمبەرلەر قىسسىلىرى ئارىسىدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن تۈزۈلگەن بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە ئىسمى تىلغا ئىلىنغان بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئەسەر، تارىخى يازمىلار ئارىسىدىن ئورۇن ئالسىلا بولىدىغان ياكى ئىسلامدىن ئىلگىرىمۇ باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ بارلىقىنى ئېسىمىزگە سالىدىغان رولىنىلا ئوينىماستىن بەلكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلىشىنى ھەرۋاقىت ئىسىدىن چىقارمىغانلارنىڭ قەلبلىرىگە جۇشقۇن روھ ۋە جاسارەت ئاتا قىلغۇسى.
Author: شەيخ ئەھمەد شەپىق بەھجەت
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: سابىرجان
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
«ئىسلام دىنىنىڭ روھى» ناملىق بۇ ئەسەردە ئاپتور ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ بىلىۋېلىشى زۆرۈر بولغان كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە ئائىت ئاساسى مەزمۇننى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن ھەقىقەتنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئىسلامنىڭ ئاساسى پرىنسىپىنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئىسلام دىنىنىڭ زامان-ماكان تاللىماستىن ھەرقانداق ھازارەت بىلەن خاسلىقىنى ساقلاپ قالغان ھالدا ماسلىشىپ كېتەلەيدىغانلىقى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلاھىي ۋەھيى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راستچىل پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە قۇرئان كەرىمدىن ئىلمى دەلىللەرنى كەلتۈرگەندىن سىرت ئەقلى ئىسپاتلار بىلەن دەلىللەيدۇ. دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان تۆھمەت ۋە شەك-شۇبھىلەرگە ئىلمى ئۇسۇلدا ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ.
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى